ئىراندا 5.5 بال ۋە لىۋاندا 4.3 بال يەر تەۋرىدى

ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى فارس ئۆلكىسىدە 5.5 بال يەر تەۋرىدى.

1949905
ئىراندا 5.5 بال ۋە لىۋاندا 4.3 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەتلىك يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 5.5 بال يەر تەۋرەش مەركىزى فارس ئۆلكىسىنىڭ دورز يېزىسىدا بولۇپ، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 04:41 دە، يەر يۈزىدىن 11 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن.

فارس ئۆلكىسى قىزىلئاي جەمئىيىتى دىرېكتورى ھۇسەين دەرۋىشى ئېلان قىلغان باياناتىدا، دەسلەپكى ئېنىقلاشلاردا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى، زىياننى باھالاش تەكشۈرۈشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دەرۋىشى يەر تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن رايوندا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ تەييارلىقتا تۇراۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. دورز يېزىسىدا تۈنۈگۈنمۇ 5.2 بال يەر تەۋرىگەن ئىدى.

لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدىمۇ 4.3 بال يەر تەۋرىدى.

لىۋان دۆلەتلىك گېئوفىزىكا تارمىقىنىڭ باياناتىدا، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 08:00 دە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئاق دېڭىزىدىكى سايدا شەھىرىگە تەخمىنەن 61 كىلومىتىر يىراقلىقتا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەر تەۋرەش لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويى شەھەرلىرىدە، بولۇپمۇ سىدون شەھىرىدە، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەدىمۇ ھېس قىلىندى.

يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ياكى مال-مۈلۈككە زىيان يېتىش ھادىسىسىلىرىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر