ناسا ئىسرائىلىيەنىڭ تۇنجى ئالەم تېلېسكوپىنى قويۇپ بېرىدىغان بولدى

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA)  2026  - يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ تۇنجى ئالەم تېلېسكوپىنى يەر شارى ئوربىتىسىغا قويۇپ بېرىدىغان بولدى.

1949849
ناسا ئىسرائىلىيەنىڭ تۇنجى ئالەم تېلېسكوپىنى قويۇپ بېرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ۋېيزمان ئىلىم-پەن ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى(NASA)  نىڭ 2026 - يىلىنىڭ بېشىدا ئىسرائىلىيەنىڭ تۇنجى ئالەم تېلېسكوپى «ULTRASAT» نى يەر شارى ئوربىتىسىغا قويۇپ بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، تېلېسكوپنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن ناسا ئوتتۇرىسىدا يېڭىدىن ئىمزالانغان ھەمكارلىقنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، «ULTRASAT» نىڭ ئىنستىتۇت ۋە مىنىستىرلىققا قاراشلىق ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق لايىھەسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، تېلېسكوپنىڭ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كائىناتتىكى نېيترون يۇلتۇز بىرىكىمىسى قاتارلىق ئۆتكۈنچى ۋەقەلەرنى بايقاش ۋە تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىدا ئىنقىلاب يارىتىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، «ULTRASAT» نىڭ يەرشارىدىن ئۆلچەشكە بولمايدىغان ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى ئۆلچىيەلەيدىغانلىقى ۋە دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈنچى ۋەقەلەر ھەققىدە مۇتەخەسسىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش يوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، «​​​​​​​ULTRASAT» نىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى ئالەم بوشلۇقى تەشەببۇسىنىڭ يولىنى ئاچىدىغانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر