ياۋروپا ئىتتىپاقى: مۇشەققەتلىك كۈنلەردە تۈركىيەنىڭ يېنىدىمىز

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوزېف بورېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇشەققەتلىك كۈنلەردە تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1949411
ياۋروپا ئىتتىپاقى: مۇشەققەتلىك كۈنلەردە تۈركىيەنىڭ يېنىدىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوزېف بورېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھاتايدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ مۇشەققەتلىك كۈنلەردە تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بورېل ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، تۈنۈگۈن (20-فېۋرال) ھاتاينىڭ دەفنە ۋە سامانتاغ ناھىيەلىرىدە يۈز بەرگەن 6.4 ۋە 5.8 بال يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەدە ھاتاي ۋىلايىتىدە تەكرار مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ دەرت – ئەلەملىرى ۋە ۋەيرانچىلىقلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋەتكەن ئەھۋالنى يېقىندىن كۆزەتمەكتىمىز، بۇ مۇشەققەتلىك كۈنلەردە تۈركىيەنىڭ يېنىدىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر