رۇسىيە تۈركىيە قاتارلىق 19 دۆلەت پۇقرالىرىغا ۋىزىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان بولدى
رۇسىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە قاتارلىق 19 دۆلەت پۇقرالىرىغا ئالدىن مېھمانخانا تۇتۇش شەرتى بىلەن 6 ئايلىق ۋىزا بېرىدىغان بولدى.
1949566
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋەرى: رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان قارارغا ئاساسەن، 19 دۆلەت پۇقرالىرىغا بەلگىلىك مېھمانخانىلاردا ئالدىن ئورۇن تۇتۇش شەرتى بىلەن ۋىزا قولايلىقى يارىتىپ بېرىلىدۇ.
مەزكۇر 19 دۆلەت پۇقرالىرىغا 6 ئايلىق ۋىزا بېرىش قارار قىلىندى.
ۋىزا قۇلايلىقى يارىتىپ بېرىلىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە تۈركىيەدىن باشقا يەنە، خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بار.