مىچوتاكىس: يەر تەۋرەش  ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن ئېنىقلاش پۇرسىتى

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس تۈركىيەدە 6 – فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ، تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن ئېنىقلاش ئۈچۈن بىر پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1947666
مىچوتاكىس: يەر تەۋرەش  ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن ئېنىقلاش پۇرسىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس گىرېتسىيەنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى (ERT) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

مىچوتاكىس قاھرامانماراشنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن ۋە تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتى بىلەن سۈرىيەگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن 7.7، 7.6 باللىق يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ۋە سۈرىيە خەلقلىرىگە يار - يۆلەك بولۇش، بىزنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. بىز كىشىلەرنى خارابىلىكتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۇنجى تۈركۈمدە ياردەم ئەۋەتكەنلەرنىڭ قاتارىدا ئىدۇق.»

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيەگە يار-يۆلەك بولۇشىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە تۈركىيە خەلقى بىلەن گىرېتسىيە خەلقىنى بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان ھېچقانداق نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز قوشنا دۆلەتلەرمىز، شۇڭا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىمىزنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.»

مىچوتاكىس سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بەزى ئەھۋاللاردا، تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بولغۇسىز ئېغىر ئازاب  - ئوقۇبەتلەر ۋە دەرد – ئەلەملەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ يەر تەۋرەش ئاپىتى، گىرېتسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن ئېنىقلاش ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.»

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدا پىسخىكىلىق ھېسداشلىقنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىزدۇر، جۈملىدىن بۇ مېنىڭ شەخسىي مەجبۇرىيىتىمدۇر.»

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دەندىئاس بولسا، دۆلىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەرد – ئەلەملىرىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دەندىئاس سەلانىكتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە قىلغان سۆزىدە، ئىنسانىي دەرد – ئەلەملەرنىڭ دۆلەت چېگرالىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە گىرېتسىيەنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي ئەخلاقىنىڭ ھەمكارلىقنى چىقىش نۇقتا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ  مۇنداق دېدى: «بۇ سەمىمىيلىك ئاساسىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېخىمۇ بىخەتەر بىر كېلەچەك بەرپا قىلىش مۇمكىن.»

نىكوس دەندىئاس گىرېتسىيەنىڭ ھەم ياۋروپا ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت سۈپىتىدە تۈركىيەگە يار - يۆلەك بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھالقىلىق پەيتتە گىرېتسىيە تۈركىيە خەلقىگە يار - يۆلەك بولىدۇ، كۈچىنىڭ بارىچە تۈركىيە خەلقىنىڭ ئازاب  - ئوقۇبەتلىرىنى يەڭگىللىتىشكە تىرىشىدۇ.»

6 – فېۋرال تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن قاھرامانماراشنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن 7.7، 7.6 باللىق  «100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان يەر تەۋرەش ئاپىتى، مىڭلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر