برۇس ۋىللىسنىڭ كېسىلىگە دىياگنوز قويۇلدى

ئامېرىكالىق داڭلىق كىنو – فىلىم ئارتىسى برۇس ۋىللىس دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى.

1947675
برۇس ۋىللىسنىڭ كېسىلىگە دىياگنوز قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىللىس ئائىلىسى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا بايانات بېرىپ، ئىشتىھا تۇتۇلۇش كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەن 67 ياشلىق ئارتىس برۇس ۋىللىسقا «ئالدى مېڭە دېۋەڭلىك كېسىلى» دىياگنوزى قويۇلغانلىقىنى، بۇ كېسەلنىڭ داڭلىق ئارتىسنىڭ ئالاقە ئورنىتىش ئىقتىدارىغا زور دەرىجىدە توسقۇنلۇق پەيدا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، «بۈگۈنكى كۈندە بۇ كېسەلگە داۋا يوق. بىز كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا بۇ رېئاللىقنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. برۇسنىڭ ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىز تاراتقۇلارنىڭ بۇ كېسەلگە دىققىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تونۇشنىڭ ئۆسۈشى ۋە تەتقىقاتلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكالىق ئارتىس برۇسنىڭ 2022- يىلى 3 - ئايدا ئىشتىھا تۇتۇلۇش كېسىىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن، كىنتو – فىلىملەردە رول ئېلىشنى توختاتقانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.

ۋىللىس ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا برودۋېيدا رول ئېلىش ئارقىلىق كىنو – فىلىم دۇنياسىغا قەدەم باسقان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيانقى يېرىم ئەسىرلىك ھاياتىدا ئاي نۇرى، پۇلپ فانتازىيەسى ۋە ئېغىر ئۆلۈم قاتارلىق ئونلارچە داڭلىق فىلىمدە رول ئالغان.

برۇس ۋىللىس رول ئالغان «Assassin / سۇيىقەستچى» ناملىق ئەڭ يېڭى فىلىم 31 – مارت كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر