فىرانسىيەنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا رادىياكتىپلىق ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى بايقالدى

فىرانسىيەنىڭ لىئون شەھىرىدىن دىن 30 كىلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان بۇگېي يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا، 12-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان ئۆلچەشتە يۇقىرى دەرىجىلىك ترىتسىينىڭ ئېقىپ كېتىش ھادىسسى بايقالدى.

1946235
فىرانسىيەنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا رادىياكتىپلىق ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى بايقالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگۈچىسى «EDF» نىڭ باياناتىدا، لىئوندىن 30 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بۇگېي يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئىككى رېئاكتورنىڭ كېرەكسىز سۈيىدە 12-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان ئۆلچەشتە يۇقىرى دەرىجىلىك ترىتسىينىڭ ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مەزكۇر ئۆلچەشلەردە دەسلەپتە رېئاكتورلارنىڭ بىرىدە يۇقىرى رادىياكتىپلىق ئېقىپ كېتىشنىڭ بايقالغانلىقى، كېيىنكى ئۆلچەشلەردىمۇ يەنە يۇقىرى رادىياكتىپلىق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بايقالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇ ئېقىپ كېتىشنىڭ نەتىجىسى خەتەر ياراتمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا يەنە، رادىياكتىپلىق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئىچىملىك ​​سۇ  ۋە باشقا يەر ئاستى سۇغا  ئارىلىشىپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ يوقلۇقى ۋە 6-يانۋاردىن (2023) ئېتىبارەن رادىياكتىپلىق ئېقىپ كېتىش دەرىجىسىنىڭ خەتەر چېكىدىن تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيەنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگۈچىسى «EDF» گە رېمونت ۋە ئاسراش خىزمەتلىرىگە سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن 3000 ياۋرو جەرىمانە قويۇلدى.

ئاۋغۇستتا (2022) فىرانسىيەنىڭ يەنە بىر رېئاكتورىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ئەڭ كونا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىمۇ ھازىرغىچە بەش قېتىم رادىياكتىپلىق ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى بايقالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر