دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈركىيەنى قوللاش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 6 – فېۋرال (2023) يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن تۈركىيەنى قوللاش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

1946325
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈركىيەنى قوللاش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپلۈكىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى، ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەگە مۇھىم ياردەملەرنى بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ستولتېنبېرگ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارارگاھىدا چاقىرىلغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى ھارپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنى داۋاملىق قوللشىمىز كېرەك. بىز داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، تۈركىيەگە ئۈزلۈكسىز ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئ‍وستىن ««100 يىلدىن بۇيانقى ئوڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەش ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئ‍وستىن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارارگاھىدا چاقىرىلغان «ئۇكرائىنا» تېمىلىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئالاقە گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە توختالدى.

ئ‍وستىن،سۈرىيەگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن، ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە مىڭلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان يەر تەۋرەش ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيە دائىرىلىرى ۋە باشقىلار بىلەن جىددىي ھەمكارلىشىپ، ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ.»

ئالبانىيەدە ۋە شىمالىي ماكېدونىيەدە، تۈنۈگۈن 6 – فېۋرال كۈنى تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن بىر كۈنلۈك «دۆلەتلىك ماتەم» ئېلان قىلىندى.

ئالبانىيە ۋە شىمالىي ماكېدونىيە ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ماتەم» دائىرىسىدە، ھەر ئىككى دۆلەتتىكى دۆلەت ئورۇنلىرى ۋە ئاممىسى سورۇنلاردا بايراقلار يېرىم چۈشۈرۈلدى.

بۇ دائىرىدە، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ چەت ئەللەردىكى دىپلوماتىك ۋەكالەتخانىلىرىدىمۇ بايراقلار يېرىم چۈشۈرۈلدى.

ئالبانىيە پىرېزىدېنتى باجرام بېگاج ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بىناسىنىڭ ئالدىدىكى ئالبانىيە بايرىقىنىڭ يېرىم چۈشۈرۈلگەن سۈرىتىنى ھەمبەھىرلەپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە-سۈرىيە چېگراسىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقلىرى ۋە ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

بېگاج مۇنداق دېدى:

«ئالبانىيەلىكلەر 2019-يىلى 29-نويابىر كۈنى ئالبانىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تۈركىيەنىڭ قىلغان ياردىمىنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمايدۇ.»

شىمالىي ماكېدونىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

 «ھۆكۈمەت، تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ  ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ۋە بارلىق تۈركىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىدۇ.»

ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئېچىلىشىدا بولسا، قاھرامانماراش ۋىلايىتىنى مەركەز قىلغان تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى روبېرتا مېتسولا فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى:

«ئالدىنقى ھەپتە، تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە بىر قاتار قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى يۈز بېرىپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ياۋروپانىڭ تۈركىيە ۋە سۈرىيە خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمەن. ئوي – پىكىرلىرىمىز، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، قاپسېلىپ قالغانلار ۋە ۋە ھايات-ماماتلىق قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلار بىلەن بىللە.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ پۇقرالارنى قوغداش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمىتىگە مەسئۇل ئەزاسى جېنېز لېنارچىچ ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئاپەت رايونلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، ئالدىنقى ھەپتە گازىئانتەپ ۋىلايىتىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۇقرالارنى قوغداش مېخانىزمى، ئاپەت رايونلىرىغا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 21 دۆلەت ۋە باشقا ئۈچ دۆلەتتىن جەمئىي 32 ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە ئالتە داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتتى.»

«تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان ئاپەت رايونلىرىدىكى ئەڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ  جىددىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم شېرىكلىرىمىزگە 3 مىليون ياۋرو ئاجراتتۇق.»

«ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئېھتىياجلارنى كۆزدە تۇتۇپ، مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاپەت ئالدىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەنىمۇ كۆپەيتىشنى قارار قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى شىۋېتسىيە كېلەر ئاي خەلقئارالىق مەبلەغ توپلاش مەقسىتىدە، تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن ماسلىشىپ، تۈركىيە ۋە سۈرىيە خەلقىنى قوللاش ئۈچۈن  ئىئانە توپلاش يىغىنى چاقىرىدۇ.»

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف تۈركىيە خەلقىگە ھېسداشلىق قىلىش مەقسىتىدە، تۈركىيەنىڭ ئىسلامئابادتتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، 6-فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن ۋە «100 يىلدىن بۇيانقى ئوڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن ئېچىلغان «تەزىيە دەپتىرى» نى ئىمزالىدى.

شېرىف بۇ مۇشەققەتلىك مەزگىلدە پاكىستاننىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە دۆلىتىنىڭ ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەزەربەيجانلىق سەنئەتچىلەرمۇ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، تۈركىيەنى قوللاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى.

6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن ۋە تۈركىيەنىڭ 10 ۋىلايىتى بىلەن سۈرىيەگە ئېغىر تالاپەتلەرنى يەتكۈزگەن ۋە مىڭلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان 7.7 ۋە 7.6 باللىق يەر تەۋرەش ئاپىتى «100 يىلدىن بۇيانقى ئوڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر