فىلىپپىن خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ھەربىي پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ خادىملىرىغا ھەربىي لازېر نۇرى ئارقىلىق زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1945912
فىلىپپىن خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايغا تەۋە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىغا لازېر نۇرى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان.

باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، لازېر نۇرى بىر قىسىم پاراخوت خادىملىرىنىڭ ۋاقىتلىق قارىغۇ بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان.

باياناتتا، بۇ ھۇجۇم مانىلانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:

«خىتاينىڭ، ھەربىي خادىملىرىمىزغا يېمەكلىك ۋە ئەشيالارنى توشۇۋاتقان پاراخوتلارغا قەستەن توسالغۇ بولۇشى، فىلىپپىننىڭ <غەربىي فىلىپپىن دېڭىزى> دىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلغانلىق بولىدۇ.»

فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى كوممودورې ئارماند بالىلو خىتاينىڭ ئىلگىرىمۇ ئىختىلاپلىق رايوندا فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنى توسۇش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەمما تۇنجى قېتىم لازېر نۇرى ئىشلىتىپ، پاراخوت خادىملىرىغا جىسمانى جەھەتتىن زىيان سالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي جەنۇبىي  دېڭىزنىڭ %80 تىن كۆپىرەكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

سۇ ئاستى بايلىقلىرى مول بولغان رايون فىلىپپىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋېيتنام، بىرۇنېي ۋە مالايشىيا قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقى توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر