مەدەنىيەت - سەنئەت دۇنياسى تۈركىيەگە ياردەم بېرىش چاقىرىقىدا بولماقتا

6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراش قاتارلىق تۈركىيەنىڭ 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن «100 يىلدىن بۇيانقى ئوڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، دۇنياغا داڭلىق شەخسلەر تۈركىيە ۋە سۈرىيەگە ياردەم بېرىش چاقىرىقىدا بولماقتا.

1944980
مەدەنىيەت - سەنئەت دۇنياسى تۈركىيەگە ياردەم بېرىش چاقىرىقىدا بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكالىق ناخشىچى ۋە ئارتىس سېلېنا گومېز ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Instagram سەھىپىسىدىكى  377 مىليون ئەگەشكۈچىسى بىلەن بىرلىكتە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان بىر بالىنىڭ سۈرىتىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) تور بېتىنىڭ ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇلىنىشىنى ھەمبەھىرلەپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيە ۋە تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن يۈرىكىم يېرىلىپ كەتتى.»

شاكىرامۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Instagram سەھىپىسىدە، خارابىلىك ئاستىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان بىر بالىنىڭ سۈرىتى ئۈستىگە، تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ بالىلارغا كۆرسەتكەن قاتتىق تەسىرىنى ئىشارەتلەپ،  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى تور بېتىنىڭ ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇلىنىشىنى ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئامېرىكالىق ناخشىچى ۋە ئارتىس جېننىفېر لوپېز بولسا، ئۆزىنىڭ تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى مەستانىلىرىگە ياردەم ئەۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەر 100 يىلدا بىر قېتىم رايونغا ئېغىر تالاپەتلەرنى يەتكۈزىدىغان ئەڭ كۈچلۈك يەر تەۋرەش.»

لوپېز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ تور بېتىنىڭ ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇلىنىشىنى ئەگەشكۈچىلىرى  بىلەن ئورتاقلىشىپ، ئۇلارنى بۇ ئۇلىنىش ئارقىلىق تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى تالاپەتكە ئۇچرىغان بالىلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

ھىندىستاننىڭ داڭلىق ئارتىسى جېننىفېر ۋىنگېت ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  ئۇچۇرىدا، ئۆزىنىڭ يەر تەۋرەش رايونلىرىدىن تارتىلغان  فوتو- سۈرەتلەرنى قاتتىق ئازاب  - ئوقۇبەت ئىچىدە كۆرگەنلىكىنى ۋە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

« Lost <غايىب>» ۋە «24» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىكى رولى بىلەن تونۇلغان ئامېرىكالىق ئارتىس لانا پاررىللا، ئۆزىنىڭ تۈركىيە ۋە سۈرىيە خەلقلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن بۇ قورقۇنچلۇق يەر تەۋرەش ئاپىتىنى كۆرۈپ چەكسىز ئازاب  - ئوقۇبەت دېڭىزىغا چۆكۈپ كەتتىم. ھېس – تۇيغۇلىرىمنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىشكە سۆز تاپالمايۋاتىمەن.»

فىرانسىيەلىك مودېل سېناستىيېن بېتسچ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Instagram سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرىدا، ئۆزىنىڭ تۈركىيەدە تارتقان فوتو- سۈرەتلىرىدىن سىرت يەنە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن تارتىلغان فوتو -سۈرەتلەرنىمۇ ھەمبەھىرلىدى.

بېتسچ، ئەگۈشكۈچىلىرىنى «‹AHBAP› جەمئىيىتى» گە ئىئانە قىلىش ئارقىلىق سۈرىيە ۋە تۈركىيەدىكى تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى، ھەمدە تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ئىككى چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «مەن شۇنداق تەلەيلىك ئىدىمكى، تۈركىيە خەلقىنىڭ كەڭ قورساقلىقىغا بىۋاسىتە شاھىت بولغان ئىدىم. ھازىر ئۇلارنىڭ بۇ كەڭ قورساقلىقى ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش بىزنىڭ ئىختىيارلىقىمىزدا.»

ئىسپانىيەلىك مۇزىكانت ئېنرىك ئىگلېسىئاس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلىرىدە، « Save The Children <بالىلارنى قۇتقۇزۇش>» تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىنىڭ ياردەم پائالىيىتىنىڭ ئۇلنىشىنى  ھەمبەھىرلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ۋە سۈرىيە ھازىر ھەقىقەتەن بىزنىڭ ياردىمىمىزگە موھتاج. ئەگەر مۇمكىن بولسا، سۆيگۈڭىزنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئىزھار قىلىڭ، ياردەملىرىڭىزنى ۋە ئىئانىلىرىڭىزنى دەرھال ئەۋەتىڭ.»

دۇنياغا داڭلىق ئاشپەز جەمىې ئولىۋېر، ئۆزىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلىرىدە، تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى ئورتاقلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە مەركىزى ئەنگىلىيەگە جايلاشقان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كومىتېتى (DEC) نىڭ تۈركىيە ۋە سۈرىيە ئۈچۈن ياردەم پائالىيەتلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكالىق ئارتىس سوفىيە كارسون،  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Instagram سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك  سىنلىق ئۇچۇرىدا، تۈركىيەدىكى بالىلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر