ئەنگلىيە-ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا «لوندون خىتابنامەسى» ئىمزالاندى

ئەنگلىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان «لوندون خىتابنامەسى» ئىمزالاندى.

1944293
ئەنگلىيە-ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا «لوندون خىتابنامەسى» ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان «لوندون خىتابنامەسى»، پايتەخت لوندونغا يېتىپ كەلگەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ۋە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك تەرىپىدىن ئىمزالاندى.

خىتابنامەدە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى 2014- ۋە 2022-يىللىرىدىكى تاجاۋۇزچىلىقلىرى ئۈچۈن «ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆز كېلەچىكىنى يارىتىش ھوقۇقىغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. ئەركىنلىكىمىزگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ» دېيىلدى.

رۇسىيەگە قارشى ئەنگلىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ زىچ ئىتتىپاقلىشىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن خىتابنامەدە، لوندوننىڭ كىيېۋنىڭ مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە چېگراسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خىتابنامەدە، ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكنى، جۈملىدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقى تەكىتلەندى ۋە مۇنۇلار دېيىلدى:

«ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى ئۆزىنىڭ زېمىنىنىلا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىمىزنى ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ب د ت نىزامنامەسىنىمۇ قوغدىماقتا. دۆلەتلىرىمىز رۇسىيەنىڭ <تەسىر دائىرىسى> تەشەببۇسىنى ۋە چېگرانى زورلۇق بىلەن ئۆزگەرتىش قەدەملىرىنى رەت قىلىدۇ. بىز ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتەك قىممەت قارىشىنى قوغدايمىز. بىز رۇسىيە سادىر قىلغان ۋەھشىيلىكنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىرادىسىگە ئىگە.»

خىتابنامەدە، ئۇكرائىنانى ھەربىي جەھەتتىن قوللاشنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

خىتابنامەدە، «ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماي تۇرۇپ، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولمايدۇ» دېيىلدى ۋە ئەنگلىيەنىڭ زېلېنسكىي ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق پىلانىنىمۇ قارشى ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتابنامەدە، 21-22-ئىيۇن كۈنلىرى لوندوندا ئۇكرائىنانىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان كونفېرانسنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر