ئىتالىيە تۈركىيەنىڭ كوۋىد-19 مەزگىلىدىكى ياخشىلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى نامايان قىلدى

ئىتالىيە قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن 7.7 ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەشلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم يوللىدى.

1943510
ئىتالىيە تۈركىيەنىڭ كوۋىد-19 مەزگىلىدىكى ياخشىلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى نامايان قىلدى
turkiye italya yardim.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى ئاپەت رايونلىرىغا ئەۋەتىلگەن ياردەمنى «ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن ئۈمىدلەر، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن قۇياشلار بار» دېگەن سۆز بىلەن ئورتاقلاشتى.

قاھرامانماراشتا يۈز بېرىپ 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن  يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن نۇرغۇن دۆلەتلەر تۈركىيەگە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ياردەم ئەشيالىرىنى ئەۋەتتى؛ ئىتالىيەمۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولدى.

ئىتالىيە ئەلچىخانىسى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئاپەت رايونىغا قىلىنغان ياردەملەر توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، تۈركىيەنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمى مەزگىلىدە ئىتالىيەگە يوللىغان ياردەم ئورالمىلىرىنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان «ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن ئۈمىدلەر، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن قۇياشلار بار» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن ئاجراتتى.

ئەينى ۋاقىتتا، تۈركىيە دۇنيادىكى كوۋىد-19 نىڭ ئەڭ كۈچلۈك زەربىسىگە ئۇچرىغان ئىتالىيەگە ياردەم قولىنى سۇنغان؛ يوللانغان ياردەم بۇيۇملىرى ساندۇقلىرىغا كەڭ قورساقلىق ۋە تىنچلىقنىڭ سىمۋولى بولغان داڭلىق مۇتەسەۋۋۇپ جالالىدىن رۇمىنىڭ «ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن ئۈمىدلەر، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن قۇياشلار بار» دېگەن سۆزلىرى يېزىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر