بوررېل تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئۈستىدە توختالدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشكە قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

1943669
بوررېل تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشكە قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

بوررېل بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا تۈركىيە مۇخبىرلىرىغا بايانات بەردى.

بوررېل 6-فېۋرالدا قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن 7.7 ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ: «يەر تەۋرەشتىن ئىنتايىن قايغۇردۇم. بۇ بىر چوڭ پاجىئە. مەن دوستۇم (تاشقى ئىشلار مىنىستىرى) مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمەن. قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ۋە داۋالاش بۇيۇملىرى قاتارلىق بىز ئەۋەتەلەيدىغان ياردەملەرنى ئاشۇرۇپ يوللايمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر ھەرىكەتكە ئۆتتى» دېدى.

بوررېل ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، تۈركىيەنى «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە شېرىك» دەپ باھالىدى ۋە «تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم ۋە سەزگۈر ھالغا كەلگەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا» دېدى.

بوررېل تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز، لىۋىيە، كاۋكاز ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق مۇرەككەپ بىر رايوننىڭ مەركىزىگە جايلاشقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ مۇھىم ئاكتىيور ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىم قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىدە ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر