گوللاندىيەنىڭ لاھەي  شەھىرىدە يۈزلىگەن مۇسۇلمانلار قۇرئانغا قىلىنغان ھۇجۇمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىسلامىي تەشكىلاتلار فېدىراتسىيەسى (FIO) ۋە خاگلاندېن رايونى ئىسلامىي تەشكىلاتلار بىرلىكى (SIORH) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى ئورنىڭدىن دەس تۇر!» ناملىق نامايىشقا نۇرغۇن ساندا مۇسۇلمانلار قاتناشتى.

1942392
گوللاندىيەنىڭ لاھەي  شەھىرىدە يۈزلىگەن مۇسۇلمانلار قۇرئانغا قىلىنغان ھۇجۇمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
hollanda kuran-i kerim protesto.jpg
hollanda kuran-i kerim protesto1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاھەي شەھىرىنىڭ ئاپېلسىن مەيدانىغا يېغىلغان نامايىشچىلار كوكامپ مەيدانىغىچە يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلار: «مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشنى توختات! قۇرئان ئىنسانىيەت ئۈچۈن تىنچلىق بايانناممىسىدۇر. نەپرەت تېرىۋاتقانلار قۇرئاندىن قولۇڭنى تارت!»  دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ، تەكبىر توۋلىدى.نامايىشتا خاگلاندېن رايونى ئىسلامىي تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەزاسى ئاخبارات ئېلان قىلىدى.

 تۈرك-ئىسلام كۈلتۈر فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاھسىن چەتىنكايا گوللاندىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ يېڭى بىر سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ گوللاندىيە جەمئىيىتىدە مۇسۇلمانلارغا ئاداۋەت ساقلاشنىڭ نورمال ئەھۋالغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ: ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئەھۋالغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئۇ: «سىياسىيونلارنىڭ بۇ ئەيىبلەشكە تېگىشلىك  پەرۋاسىز پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن مۇسۇلمانلارغا بولغان نەپرەت ئۇرۇقى چېچىشنىڭ تېخىچە توختىمىغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. سىياسىيونلار ئەمدىلىكتە بۇنداق دەھشەتلىك ئىغۋاگەرچىلىك ۋەقەلىرىگە ۋە بۇنىڭ تەسىرىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك» دېدى.

تاھسىن چەتىنكايا گوللاندىيەدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئەمدى يېتەر. مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشتىن ۋاز كېچىڭلار» دېدى.

شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا 21 - يانۋاردا (2023) ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرئان كۆيدۈرۈش ئىغۋاگەرچىلىكى جەيانىدا راسمۇس پالۇدانغا ھېچكىشىنىڭ يېقىنلىشىشىغا يول قويۇلمىغان ئىدى.

شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرئاننى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن پولۇدانغا رۇخسەت بەرگەنلىكىگە قارىتا، تۈركىيە قاتارلىق نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلەر نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

پالۇدان 27 - يانۋاردا دانىيەدە بىر جامەنىڭ ئۇدۇلىدا ۋە تۈركىيەنىڭ كوپېنھاگېندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن ئىدى.

گوللاندىيەدىكى ئىرقچى، غەربنىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى تۇرۇش (PEGIDA) ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئېدۋىن ۋاگېنسۋېلدمۇ لاھەي شەھىرىدە قۇرئان كەرىمنى يىرتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر