ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ئالمۇتادا چاقىرىلدى

ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭەش يىغىنى تۈنۈگۈن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە چاقىرىلدى.

1941435
ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ئالمۇتادا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان باش مىنىستىرى ئەلىخان ئىسمائىلوۋنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىنغا، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئەزالىرى بولغان رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخايىل مىشۇستىن، بېلارۇسىيە باش مىنىستىرى رومان گولوۋچېنكو، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئالىكبېك جاپاروۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان قاتارلىقلار قاتناشتى.

ئىشتىراكچىلار يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قارمىقىدا تەبىئىي گاز بازىرى قۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق كېلىشىم لايىھەسى تۈزۈش، ھاراق بازىرىنى تەڭشەش ۋە رايونلۇق تەرەققىيات ئورگانلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىننىڭ بۈگۈنكى (3-فېۋرال) كېڭەيتىلگەن قىسمىدا، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارا سودا – ئىقتىساد ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش، تېخنولوگىيەلىك تەڭشەش، تۆمۈر يول ۋە يۈك تىرانسپورتى، ئېنېرگىيە قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى 5-نۆۋەتلىك دىجىتال ئالمۇتا خەلقئارا مۇنبىرى يىغىنىغىمۇ قاتنىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر