فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە ناتوغا بىرلىكتە ئەزا بولۇشنى خالايدۇ

فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مارىن بىلەن شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كرىستېرشون دۆلەتلىرىنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ بىرلىكتە تەستىقلىنىشىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1941431
فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە ناتوغا بىرلىكتە ئەزا بولۇشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مارىن بىلەن شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كرىستېرشون ستوكھولمدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ساننا مارىن بىلەن ئۇلف كرىستېرشون شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ بىر-بىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ناتوغا بىرلىكتە ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى ۋە نەتىجىسىنى بىرلىكتە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مارىن ئۆزلىرىنىڭ شىۋېتسىيە بىلەن ناتوغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ۋە بۇ باسقۇچنى بىرلىكتە تاماملاشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ: «بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. بىز بۇ مەسىلىدە ھەر كۈنى يېقىندىن ئالاقىلىشىۋاتىمىز، بىز تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ ئىلتىماسىمىزنى بالدۇرراق تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ياۋروپا بىخەتەرلىك تەرتىپىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆزگەرگەنلىكىنى، شۇڭا ناتوغا قېتىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ دىنىي ئىشلارغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ فىنلاندىيە قانۇنىدا بارلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ئەزالىقىغا ئۇزۇن ۋاقىت كەتسە نېمە ئىش بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ: «ئەھۋالنىڭ سىنىپتىكى كەپسىز بالىدەك ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئەجەبلىنەرلىك. شىۋېتسىيەمۇ ناتوغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن تەلەپلەرنى ئورۇنلاۋاتىدۇ. مەن شىۋېتسىيەنىڭ <ئاۋارىچىلىق> سۈپىتىدە تونىتىلىۋاتقان ئاتموسفېرانى ياقتۇرمايمەن» دېدى.

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىستېرشونمۇ فىنلاندىيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ، ناتوغا ئەزا بولۇش سەپىرىنى بىرلىكتە باشلاپ، بىرلىكتە داۋام قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ تۈركىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە ئىمزالىغان ئۈچ تەرەپ ئەسلەتمىسىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئەتىگەن (2-فېۋرال) كابىنېت يىغىنىدا، بىز ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى رەسمىيلەشتۈردۇق. بۇ قانۇن لايىھەسى مارتتا پارلامېنتقا ئەۋەتىلىدۇ، يېڭى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ شىۋېتسىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەدىسىنىڭ ئۇل تېشى» دېدى.

ئۇ يېقىندىن بۇيان تۈركىيە بىلەن بولغان جىددىيلىك ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئىغۋاگەرچىلىكلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «بىز بۇ ھەرىكەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۈمىدسىزلىكنى چۈشىنىمىز ۋە ئورتاقلىشىمىز. مېنىڭ بارلىق شىۋېتسىيەلىكلەرگە دېمەكچى بولغىنىم ئىنتايىن ئاددىي؛ تىنچلىنىپ، چوڭ ۋەزىيەتكە ۋە ھەقىقىي ئىشلارغا، شىۋېتسىيەنىڭ ناتونىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرەيلى» دېدى.

ئۇ شىۋېتسىيەنىڭ ئۈچ تەرەپ ئەسلەتمىسى رامكىسىدا، ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر