ئامېرىكا تالىبان ئەزالىرىغا  ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىشىگە قارشى تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە قوشۇمچە ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1941181
ئامېرىكا تالىبان ئەزالىرىغا  ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللار ۋە قىزلارغا قاراتقان زۇلۇملىرى ۋە زوراۋانلىقلىرىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

بلىنكېن ئافغانىستاندىكى ئاياللارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىگە ۋە زوۋانلىقلىرىغا مەسئۇل ياكى جىنايەت شېرىكى دەپ قارالغان ھازىرقى شۇنداقلا سابىق تالىبان ئەزالىرىدىن باشقا يەنە، دۆلەت سىرتىدىكى بىخەتەرلىك گۇرۇپپىلىرى ئەزالىرى ۋە باشقىلارغا قوشۇمچە ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ: «بۇنداق كىشىلەرنىڭ يېقىن ئائىلە ئەزالىرىغىمۇ ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلۇشى مۇمكىن» دېدى.

بلىنكېن تالىباننىڭ بۇ قارارى ئارقىلىق ئافغانىستان خەلقىنىڭ پاراۋانلىقىغا يەنە بىر قېتىم پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. تالىباننىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇش يېشىدىكى قىزلارنى ۋە نۇرغۇن ياش ئاياللارنى مائارىپتىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى، سانسىزلىغان ئاياللارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە ئەمگەك كۈچىدىن چەتكە قېقىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تالىباننىڭ ھەرىكىتىنى ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئانتونى بلىنكېن، ئامېرىكانىڭ ئاياللار ۋە قىزلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئافغانىستانلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەقەللىي ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تالىبان 2021-يىلى 15-ئاۋغۇستتا ئافغانىستاننىڭ ھاكىمىيىتىنى ئالقىنىغا ئالغاندىن كېيىن، ئاياللار ۋە قىزلار مائارىپ قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكى ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالماقتا.

تالىبان ھۆكۈمىتى دېكابىردا (2022) قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى مائارىپىنىڭ ئىككىنچى بۇيرۇق چۈشكەنگە قەدەر توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر