مەھمۇت ئابباس راماللاھتا بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس راماللاھتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى.

1940388
مەھمۇت ئابباس راماللاھتا بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ: «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىمزالانغان كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلىش، ئىشغالنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۇرالغۇ رايونلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسىدە خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنىڭ بولماسلىقى، پەلەستىننىڭ ئېتىراپ قىلىنماسلىقى ۋە ب د ت غا ئەزا بولالماسلىقىغا ئىسىرائىلىيە جاۋابكار» دېدى.

ئۇ پەلەستىن خەلقىنىڭ يوللۇق ھەق-ھوقۇقىنى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن قوغداش ۋە پەلەستىن خەلقىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ سىياسەت، ئىسىرائىلىيەنى تېخىمۇ كۆپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ۋە خەلقئارالىق قانۇنلارغا تېخىمۇ كۆپ خىلاپلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ» دېدى.

ئۇ پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ «زوراۋانلىق قىلماسلىق» مەسىلىسىدە زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە ھەر دائىم ئىمزالانغان كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئىسىرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە 1967-يىلى بەلگىلەنگەن چېگرالار بويىچە بىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي دىيالوگنى قايتىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ھەمدە خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارمىز» دېدى.

ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان جەنىن مۇساپىرلار لاگېرىغا بېسىپ كىرىشى، رايوندا جىددىيچىلىكلەرنى كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى.

جەنىن مۇساپىرلار لاگېرىدا 10 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، شەرقىي قۇددۇستىكى قانۇنسىز يەھۇدىي ئاھالىلەر رايونىدا يەتتە ئىسىرائىلىيەلىكنىڭ جېنىدىن ئايرىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.

2023-يىلى كىرگەندىن تارتىپ ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 35 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر