جون كىربى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى مىنىستىر بلىنكېننىڭ سابىق ئاۋام پالاتا باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغان ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1940429
جون كىربى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى ئىنتېرنېت تورىدا چاقىرىلغان كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جەنۇبىي شەرقىي ئاسىيا دۆلىتى بىرمادا 2021 - يىلى 1 - فېۋرالدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ ئىككىنچى يىللىقى دائىرىسىدە، سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغان ھەربىي ھاكىمىيەتنى كىرىم ۋە قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئېنىقلانغان ئالتە شەخس ۋە ئۈچ ئورگانغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ بۇ قارارنىڭ ئەنگلىيە، ئاۋستىرالىيە ۋە كانادا قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارىتىلغان ئومۇمىي ئېمبارگو دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بىرمادىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان 80 شەخس ۋە 30 ئورگانغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «بىرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ ۋەھشىيلىكىدىن ھېساب سوراش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن تىرىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، ئەتە (2-فېۋرال) ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە ئىران مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى  بىلدۈردى.

ئۇ پىرېزىدېنت بايدېننىڭ بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇيىز ئىناچىيو لۇلا دا سىلۋا بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ كېلەر ھەپتە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتايدىكى سۆھبەتداشلىرى بىلەن سابىق ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغان ھەربىي ئىشلار ۋە مۇھىت مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلاردىكى دىيالوگدىن باشقا نۇرغۇنىغان تېمىلاردا مۇزاكىرە مەسىلىلىرىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر