جو بايدىن ئۇكرائىناغا F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانى بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇكرائىناغا «F-16» ئۇرۇش ئايروپىلانى بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1939864
جو بايدىن ئۇكرائىناغا F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانى بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جو بايدىن مارىلاندتىكى زىيارىتىدىن كېيىن ۋاشىنگىتونغا قايتىپ كەلدى ۋە ئاقسارايدا بىر مۇخبىرنىڭ «ئامېرىكا ئۇكرائىناغا F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانى بېرەمدۇ؟» دېگەن سوئالىغا، «ياق» دەپ جاۋاب بەردى.

پىرېزىدېنت بايدىن يەنە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ خاتىرە يىلىدا ياۋروپادا زىيارەتتە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغىمۇ جاۋاب بېرىپ،  «ئېنىق ئەمەس» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پولشادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بايدىن، زىيارەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ھازىرچە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ خاتىرە كۈنى بولغان 24-فېۋرالدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پيېر بايدېننىڭ ئۇ كۈندە ساياھەت پىلانى يوقلۇقىغا دائىر ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر