ئامېرىكادا بىر خىتاي جاسۇسى 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ئامېرىكادا ئىنژېنېرلار ۋە بىلىم ئادەملىرى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق جاسۇسلۇق قىلغان بىر خىتاي سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1938179
ئامېرىكادا بىر خىتاي جاسۇسى 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2013 - يىلى ئىللىنوئىس سانائەت ئىنستىتۇتىدا ئېلېكترون ئىنژېنېرلىق كەسپىدە ئوقۇش ئۈچۈن ئامېرىكاغا كەلگەن ۋە كېيىن ئامېرىكا ئارمىيەسى زاپاس قىسمىغا قاتناشقان خىتاي پۇقراسى جى چاۋچۈن 2018 - يىلى جاسۇسلۇق بىلەن قولغا ئېلىنغان ئىدى.

31 ياشلىق جى چاۋچۈن خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ جاسۇسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانۇنسىز ھەرىكەت قىلىش ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىگە زور دەرىجىدە يالغان مەلۇمات بېرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن سوتتا، سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى جى چاۋچۈننىڭ بۇ جاسۇسلۇقىنىڭ خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئالەم قاتنىشى ۋە سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسىنى ئوغرىلاش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر