ئامېرىكا قۇرئانى كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى ھۆرمەتسىزلىك دېيەلىدى ئەمما ئەيىبلىيەلمىدى

ئامېرىكا ستوكھولمدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئانى كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىبلىمىدى، ئەمما ۋەقەنىڭ ھۆرمەتسىزلىك ۋە يىرگىنىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1936938
ئامېرىكا قۇرئانى كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى ھۆرمەتسىزلىك دېيەلىدى ئەمما ئەيىبلىيەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ستوكھولمدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكى ئۈستىدە توختالدى.

نېد پايىس: «دېموكراتىيەنىڭ ئامىللىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تەشكىللىنىش ۋە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى قوللايمىز. لېكىن شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى (ئۇلف كىرىستېرشون) ئېيتقاندەك، نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان كىتابنى كۆيدۈرۈش ھۆرمەتسىزلەرچە قىلىنغان ھەرىكەتتۇر» دېدى.

نېد پايىس قانۇنلۇق بولغان ھەممە ئىشنىڭ مۇۋاپىق دېگەن مەنىنى بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 2010 - يىلىدا فلورىدادا بىر پوپنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىنى پىلانلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە: «بەزى ئىشلار قانۇنلۇق، ئەمما سەت بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز شىۋېتسىيەدە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ يامان غەرەزدە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئۇ تەرىپىدە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بىرلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنىمۇ بىلىمىز» دېدى.

نېد پايىس بۇ ھەرىكەتنىڭ شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتى ئەمەسلىكىنى، بەلكى تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇش قەستى بىلەن ھەرىكەت قىلغان يامان غەرەزلىك بىر ئىغۋاگەرنىڭ ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پيېر بولسا، شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولم شەھىرىدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى ئۈستىدە توختىلىپ، شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرشوننىڭ نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان بىر كىتابنى كۆيدۈرۈشكە قارىتا «قانۇنلۇق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما كۆيدۈرۈش مۇۋاپىق دېگەنلىك ئەمەس» دېگەن باياناتىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇ قىلمىشنىڭ ئىنتايىن ھۆرمەتسىزلىك بىلەن قىلىنغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر