ئەنگلىيەدە پاناھلىق تىلىگەن بالىلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى
ئەنگلىيەدە پاناھلىق تىلىگەن 200 گە يېقىن بالىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇۋاتقان ياتاقلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
1937145
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار ۋازارىتى ئەمەلدارى سىمون مۇرراي ئاۋام پالاتاسىدىكى سۆزىدە، پاناھلىق تىلىگەن 200 دەك بالىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.