بايدىننىڭ ئۆيىدە يەنە يېڭى مەخپىي ھۆججەتلەر تېپىلغان

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ دېلاۋىيېر ئىشتاتىدىكى ئۆيىدە يەنە ئالتە مەخپىي ھۆججەت تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1936391
بايدىننىڭ ئۆيىدە يەنە يېڭى مەخپىي ھۆججەتلەر تېپىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ خۇسۇسىي ئادۋوكاتى بوب باۋيېر (Bob Bauer) نىڭ يازما باياناتىدا، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) خادىملىرىنىڭ، جۈمە (2022-يىلى 20-يانۋار) كۈنى بايدىننىڭ ۋىلمىڭتون (Willmington) دىكى ئۆيىنى ئاختۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، تەخمىنەن 13 سائەت داۋاملاشقان ئاختۇرۇشتا، بايدىننىڭ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت بولغان مەزگىلگە ئائىت ئالتە مەخپىي ھۆججەتنىڭ تېپىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يېڭى مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى خادىملىرى تەرىپىدىن ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئۈچۈن پېچەتلەنگەنلىكى، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ئۆيىدىكى ئاختۇرۇشقا خالىس نىيەتتە رۇخسەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، ھەپتە ئاخىرىدىكى ئاختۇرۇش جەريانىدا پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن رەپىقىسى جىل بايدىننىڭ ئۆيىدە يوقلۇقى تەكىتلەندى.

پىرېزىدېنت بايدىننىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن رىچارد ساۋبېر (Richard Sauber) 9-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا، بايدىننىڭ پېن بايدىن (Penn Biden) مەركىزىدىكى خۇسۇسىي ئىشخانىسىدا، 2-نويابىردا (2022) مۇئاۋىن پىرېزىدېنت بولغان مەزگىلگە ئائىت «مەخپىي مەلۇماتلار بار ئاز ساندىكى مەخپىي ھۆججەتلەر» نىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ ھۆججەتلەرنىڭ «قۇلۇپلانغان ئىشكاپتا» ئىكەنلىكىنى، ھۆججەتلەر تېپىلغاندا پىرېزىدېنت بايدىننىڭ خۇسۇسىي ئادۋوكاتلىرىنىڭ دەرھال ئاقساراي ۋە دۆلەت ئارخىپخانىلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى.

پىرېزىدېنت بايدىن ئىشخانىسىدىن مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، «ھەيران قالغانلىقى» نى ئېيتىپ،  ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مەزكۇر ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس تەپتىش خادىمىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر