ئامېرىكادا  تۇخۇم باھاسى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلىدى

ئامېرىكادىكى قۇش زۇكىمى يۇقۇمى سەۋەبىدىن تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەنلىگەننىڭ ئۈستىگە، پۇل پاخاللىقىنىڭ تەسىرى بىلەن تۇخۇم باھاسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

1936149
ئامېرىكادا  تۇخۇم باھاسى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا مىليونلىغان توخۇ بۇلتۇر فېۋرالدا باشلانغان قۇش زۇكىمى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى.

47 ئىشتاتتا 60 مىليونغا يېقىن قۇش ئۆلتۈرۈلدى ۋە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تۇخۇم توخۇلىرىنىڭ سانىمۇ 43 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.

ئامېرىكادا تەكرارلانغان يۇقۇملار سەۋەبىدىن تۇخۇم بىلەن تەمىنلەش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى ۋە تۇخۇم زاپىسى ئالدىنقى ئايدا 2022 - يىلىنىڭ بېشىغا سېلىشتۇرغاندا%29 تۆۋەنلىدى.

نويابىردىن دېكابىرغىچە بولغان تەتىل مەزگىلىدە تۇخۇمغا بولغان تەلەپ ئاشتى. تۇخۇمنىڭ توپ باھاسى ئۆرلىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، روژدېستۋو بايرىمى ھەپتىلىكىدە تۇخۇم زاپىسىنىڭ نورمالدىن تۆۋەن بولۇشى، باھاسىنىڭ رېكورت دەرىجىدە ئۆرلىشىگە سەۋەب بولدى.

ئۆتكەن يىلى دېكابىردىكى روژدېستۋو بايرىمى مەزگىلىدە، تۇخۇمنىڭ باھاسى 2022 - يىلىنىڭ بېشىغا سېلىشتۇرغاندا %267 ئاشتى ۋە ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %210 ئۆرلىدى.

بەزى مىلىچمال دۇكانلىرىدا 12 تال ئورگانىك تۇخۇمنىڭ باھاسى 12 دوللارغا يېقىنلاشتى. ئورگانىك بولمىغان تۇخۇمنىڭ باھاسى بولسا 7 دوللارغا ئۆرلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر