ستوكھولمدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قوللاش نامايىشى  ئۆتكۈزۈلدى

ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار ئىتتىپاقى (UETD)  ئەزالىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قوللاش نامايىشى  ئۆتكۈزدى.

1936133
ستوكھولمدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قوللاش نامايىشى  ئۆتكۈزۈلدى
isvec erdogan destek.jpg
isvec erdogan destek.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيەلىك سترام كۇرس (تار يۆنىلىشلىك پارتىيە) نىڭ رەھبىرى راسمۇس پالۇداننىڭ شىۋىتسىيە ساقچىلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ستوكھولمدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئاننى كۆيدۈرۈش ئىغۋاگەرچىلىكىدىن كېيىن، ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار ئىتتىپاقى (UETD)  ئەزالىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قوللاش نامايىشى  ئۆتكۈزدى.

پايتەخت ستوكھولمدا تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا بىر يەرگە جەم بولغان ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار ئىتتىپاقى (UETD)  ئەزالىرى راسمۇس پالۇداننىڭ قۇرئاننى كۆيدۈرۈش ئىغۋاگەرچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى ۋە قوللىرىدا «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز بىز سىزنى سۆيىمىز» دېگەن لوزىنكىلارنى كۆتۈرۈپ،  ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئاشقۇن ئوڭچى راسمۇس پالۇدان شىۋىتسىيە ساقچىلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ستوكھولم ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئاننى كۆيدۈرۈپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كارتونلار سىزىلغان پىلاكات ئاچقان ئىدى.

دانىيەدە ئىرقىي ئايرىمچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن جىنايەتلەر بىلەن 2020 - يىلى بىر ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان راسمۇس پالۇدان ئىلگىرىمۇ شىۋىتسىيە ۋە دانىيەدە قۇرئان كىرىمنى كۆيدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر