كەركۈكتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزاسى ئىككى تېررورچى خەلق تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزاسى ئىككى تېررورچى ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر يېزىغا سىڭىپ كىرىپ، پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلماقچى بولغاندا رايون خەلقى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

1936118
كەركۈكتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزاسى ئىككى تېررورچى خەلق تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات مەسئۇلى ئامىر نۇرى تېررورچىلارنىڭ كەركۈكنىڭ جەنۇبىدىكى رىياد ناھىيەسىگە قاراشلىق شەرىفىيە يېزىسىغا سىڭىپ كىرىپ، پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلماقچى بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا قارشى چىققان يېزا خەلقى بىلەن تېررورچىلار ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامىر نۇرى توقۇنۇشتا ئىككى تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە تېررورچىلاردىن پارتلاتقۇچ، ئىككى دانە قول بومبىسى ۋە بومبا ئۈسكۈنىسى چىققانلىقىنى ئېيتتى.

ئامىر نۇرى رايوندا ھەربىي ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى ۋە بۇلاردىن باشقا تېرورچىلارنىڭ بار-يوقلۇقىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

دائېش 2014 - يىلى ئىراقنىڭ مۇسۇل، سالاھاددىن ۋە ئەنبار ۋىلايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى شۇنداقلا دىيالا ۋە كەركۈك ۋىلايەتلىرىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئىشغال قىلغان بولۇپ، بۇ رايونلار بىر قانچە يىل ئىچىدە دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىنغان ئىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مەزكۇر ۋىلايەتلەرنىڭ يېزا قىشلاقلىرىدا پات- پات ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر