ئابباس تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەلەستىننى خەلقئارا سەھنىدە ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

1936049
ئابباس تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور دوكتور زۈھتۈ ئارسلان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىددىكى راماللاھ شەھىرىدە قوبۇل قىلدى.

ئۇچرىشىشقا، تۈركىيەنىڭ پەلەستىندە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلسى باش ئەلچى ئەھمەد رازى دەمىرەرمۇ قاتناشتى.

ئابباس، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ئىسلامنىڭ مۇقەددەس جايلىرىنى قوغداۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارغا ساھىب چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيەنىڭ پۈتكۈل خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە پەلەستىننى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز.»

تۈركىيە ھەيئىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «پەلەستىن تۈركىيە خەلقىنىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. بىز ھەر بىر سەھنىدە پەلەستىن خەلقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر