بايدىن: ئىشخانامدا «مەخپىي ھۆججەتلەر» نىڭ چىققانلىقىدىن پۇشايمان قىلمايمەن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۆيى ۋە ئىشخانىسىدىن «مەخپىي ھۆججەتلەر» نىڭ چىققانلىقىدىن پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1935826
بايدىن: ئىشخانامدا «مەخپىي ھۆججەتلەر» نىڭ چىققانلىقىدىن پۇشايمان قىلمايمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن تەبىئىي ئاپەتلەر ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن كالىفورنىيە ئىشتاتىنى زىيارەت قىلدى، ھەمدە زىيارىتى جەرياندا، ئۆيى ۋە ئىشخانىسىدىن چىققان «مەخپىي ھۆججەتلەر» گە مۇناسىۋەتلىك سوئال سورىغان مۇخبىرلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئېغىر بىر مەسىلە بار. ئامېرىكا خەلقى سىلەرنىڭ نېمىشقا مەندىن كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى تەبىئىي ئاپەتلەرھەققىدە سوئال سورىمىغانلىقىڭلارنى ھېچ چۈشىنەلمەيۋاتىدۇ.»

ئۇ بىر نەچچە مەخپىي ھۆججەتنىڭ خاتا جايدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھۆججەتلەرنى دەرھال دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىۋاتىمىز. مېنىڭچە، بۇنىڭدا ھېچقانداق مەسىلە يوق. ئۆيۈمدىن ۋە ئىشخانامدىن <مەخپىي ھۆججەتلەر> نىڭ چىققانلىقىدىن پۇشايمان قىلمايمەن. مەن پەقەت ئادۋوكاتلىرىم نېمە دېسە شۇنى قىلىۋاتىمەن، خالاس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر