فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرونغا سۈيىقەست پىلانلىغان 13 كىشىنىڭ سوتى باشلاندى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونغا 2018 - يىلى ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاش ۋە سۈيىقەست قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن رادىكال ئوڭچىلارغا چېتىشلىق  13 كىشىنى سوتلاش ئىشلىرى باشلاندى.

1934449
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرونغا سۈيىقەست پىلانلىغان 13 كىشىنىڭ سوتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، <لېس بارجولس> دەپمۇ ئاتالغان رادىكال ئوڭچىلار توپىغا چېتىشلىق ئىككىسى ئايال، جەمئىي 13 كىشى تۈنۈگۈن (17-يانۋار) پارىژ جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە ماكرونغا «تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە سۈيىقەست قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا چىقىرىلغان.

يېشى 22 ياشتىن 66 گىچە بولغان جاۋابكارلار 2018-يىلى نويابىردا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، ماكرونغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاش، تېلېفوندا ۋە ئۆزئارا يىغىنلىرىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشنى پىلانلاش، كۆچمەنلەرگە ۋە جامەلەرگە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

جاۋابكارلارنىڭ ماكرونغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بېكىتىلسە، 10 يىللىققا قەدەر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

سوتنىڭ فېۋرالغىچە (2023) داۋاملىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر