ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا بوران ۋە شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن 19 كىشى قازا قىلدى

ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن بوران ۋە شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 19غا ئۆرلىدى. 8 مىليون كىشى ياشايدىغان ئىشتاتتا كەلكۈن خەۋىپى داۋاملاشماقتا.

1933561
ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا بوران ۋە شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن 19 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيە گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، دېڭىز قولتۇقى رايونىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 8 مىليون كىشى ياشايدىغان رايوندا كەلكۈن خەۋىپىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە رايوندىكى ھاۋا رايى ھادىسىلىرىنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، 30 - دېكابىردىن (2022) بۇيان كالىفورنىيە ئىشتاتىدا 400 دىن ئارتۇق تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ۋە داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇرنىڭ توپىلىق يەرلەردە يېڭى لاي كەلكۈنى ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرشى مۇمكىنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

كالىفورنىيەنىڭ يەرلىك مەسئۇللىرى ۋە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 27 - دېكابىردىن (2022) بۇيان داۋاملاشقان قاتتىق بوران ۋە شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن يەنە 2 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، ئومۇمىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى 19 غا ئۆرلىگەن.

دۆلەتلىك ھاۋا رايى ئىدارىسى (NWS) نىڭ مەسئۇلى داۋىد لاۋرېنس تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «سەيشەنبە كۈنىگە كىرگىنىمىزدە ئىشتاتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا رايىنىڭ تىنچلىنىشىنى ئۈمىد قىلماقتىمىز» دېدى ۋە ھەپتە ئاخىرىغىچە يامغۇر ياغمايدىغانلىقىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر