ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچى دوكتور مارتىن لۇتېركىڭنى خاتىرىلەش پائالىيىتى داۋامىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 8 كىشى يارىلاندى.
1933654
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، فلورىدا ئىشتاتىنىڭ فورت پىيېرس ناھىيەسىدىكى بىر باغچىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت داۋامىدا، «تالاش-تارتىش» سەۋەبىدىن قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، ساقچى ۋە بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرى ئېغىر 8 كىشى يارىلانغان.
بىلدۈرۈلىشىچە، ۋەقەنى تەكشۈرۈش باشلانغان بولۇپ، پائالىيەتتە كەم دېگەندە 1000 كىشى بار ئىكەن.