ئافغانىستاندا 45 ئادەم توڭلاپ ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى ھىرات ۋىلايىتىدە، قىش پەسلى باشلانغاندىن بۇيان كوچىلاردا ياشاپ كېلىۋاتقان 45 زەھەر چەككۈچى توڭلاپ جېنىدىن ئايرىلدى.

1933595
ئافغانىستاندا 45 ئادەم توڭلاپ ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىرات ساقچىخانىسىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش شۆبىسىنىڭ مۇدىرى ھاياتۇللاھ رۇھانى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «قىش پەسلى باشلانغاندىن بۇيان 45 زەھەر چەككۈچى توڭلاپ جېنىدىن ئايرىلدى، بىز زەھەرلىك چېكىملىك ​​چەككۈچىلەرنى يىغىشقا باشلىدۇق.»

كوچىلاردا ئوخشىمىغان ۋىلايەتلەردىن كېلىپ، ھىراتتا ياشاشقا باشلىغان زەھەرلىك چېكىملىك ​​چەككۈچىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى بايان قىلغان رۇھانى، يېقىنقى كۈنلەردە تەخمىنەن 3500 زەھەر چەككۈچىنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مۆلچەرلىنىشىچە، ھىرات ۋىلايىتىدە تەخمىنەن 70 مىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ​​چەككۈچى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كوچىلاردا ياشايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر