ئەنگلىيە ۋە گاللېر رايونىدا سېسترالار ئىش تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئەنگلىيە ۋە گاللېر رايونىدىكى سېسترالار تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارىتا مائاشلىرىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، فېۋرال ئېيىدا يەنە ئىش تاشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1933821
ئەنگلىيە ۋە گاللېر رايونىدا سېسترالار ئىش تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە مىقياسىدا 300 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار بولغان ۋە سېسترالارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان RCN (خان جەمەتى سېسترالار ئىنىستىتۇتى) بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئىش تاشلاشنىڭ 2-ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، ئەنگلىيە ۋە گاللېر رايونىدا 1-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە سۆھبەتلەردە ئىلگىرىلەش بولمىسا، 6-7-فېۋرال كۈنلىرى ئىش تاشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۆلچەرلىنىشىچە، ئەنگلىيەدە سېسترالار يەنە 18-ۋە 19-يانۋار كۈنلىرىمۇ ئىش تاشلايدىكەن.

ئەنگىلىيە، گاللېر ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيەدە ئون مىڭلىغان سېسترالار 2022 - يىلى 12-ئاينىڭ 15-ۋە 20-كۈنلىرى ئىش تاشلىغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئەنگلىيە خان جەمەتى سېسترالار ئىنىستىتۇتى بىرلەشمىسى مائاشلىرنىڭ %19 ئۆستۈرۈپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بولسا، بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر