ب د ت باش كاتىپى رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ۇكرائىنانىڭ دنىپرو شەھىرىگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1933775
ب د ت باش كاتىپى رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان چېمبلېي (Stephanie Tremblay) گۇتېررېسنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 40 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلانغان، ئونلارچە كىشى يوقاپ كەتكەن رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «باش كاتىپ پۇقرالارغا ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى» دېدى.

ئۇ باش كاتىپنىڭ رۇسىيەنىڭ بۇنداق ھۇجۇملارنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، دنىپرو ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ماتەم بىلدۈرۈپ، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 14-يانۋاردىكى (2023) باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا، دنىپرودىكى توققۇز قەۋەتلىك بىر بىنادا كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان، 75 كىشى يارىلانغان ئىدى. ھۇجۇمدىن كېيىن، دنىپرودا ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنغان ئىدى.

رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ تۈنۈگۈن (16-يانۋار) بايانات ئېلان قىلىپ، دنىپرودىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئۈستىدە توختىلىپ: «رۇسىيە ئارمىيەسى ئاھالىلەر رايونىغا ياكى ئىجتىمائىي پائالىيەت بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلمايدۇ. ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ تىراگېدىيەگە ھاۋا قالقان سىستېمىلىرىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى سىلەرمۇ ئاڭلىدىڭلار» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر