رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 25 پۇقرا قازا قىلىپ، 73 پۇقرا يارىدار بولدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ دنىپرو شەھىرىگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغان پۇقرالار سانىنىڭ 25 كە كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1932952
رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 25 پۇقرا قازا قىلىپ، 73 پۇقرا يارىدار بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تېلېگرامما ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، رۇسىيە ئاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ دنىپرو شەھىرىدىكى 9 قەۋەتلىك بىر تۇرالغۇ بىناسىغا تېگىشى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى، شۇنداقلا بىنا خارابىلىقىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

زېلېنسكىي ھۇجۇم نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان پۇقرالار سانىنىڭ 25 كە كۆپەيگەنلىكىنى، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىچىدە بىر كىچىك بالىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۇردى.

ئۇھۇجۇمدىن كېيىن 13  كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 73 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ھەمدە بىنا خارابىلىقى ئاستىدىن 6 كىچىك بالىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر