پېرودىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا قازا قىلغانلار سانى 48 گە يەتتى

پېرۇدا پىرېزىدېنت دىنا بولۇئارتنىڭ ئىستىپا بېرىشى ۋە مۇددەتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا قازا قىلغانلار سانى 48 گە يەتتى.

1932104
پېرودىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا قازا قىلغانلار سانى 48 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېرونىڭ كۇسكو شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن يۈزلەرچە كىشىنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن توقۇنۇشى نەتىجىسىدە بىر ئادەم قازا قىلدى، 22 ئادەم يارىلاندى.

12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن بۇيانقى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 48 گە يەتتى، يارىلانغانلار سانى 700 دىن ئېشىپ كەتتى.

ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، نامايىشلاردا قازا قىلغان 48 كىشىنىڭ 40 نەپىرى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ باستۇرۇش – تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە قازا قىلغان.

مەملىكەتلىك كىشىلىك ھوقۇقنى ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى نامايىشلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەتتىن بۇ ئىشقا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

1-ئاينىڭ 10-كۈنى پىرېزىدېنت دىنا بولۇئارتې يەنە بىر قېتىم نامايىشچىلارنى نامايىشلارغا خاتىمە بېرىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغانىدى.

پېرۇدا 7-دېكابىر سابىق پىرېزىدېنت پېدرو كاستىللونىڭ پارلامېنت تەرىپىدىن ھوقۇقتىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار باشلىنىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر