كانادادا پارتلاش يۈز بەردى، ئۈچ كىشى غايىپ

كانادادا پروپان گازى قاچىلاش پونكىتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا، ئۈچ ئىشچىنىڭ دېرىكى ئېلىنالمىدى.

1932209
كانادادا پارتلاش يۈز بەردى، ئۈچ كىشى غايىپ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادادا يۈز بەرگەن پروپان گازى قاچىلاش پونكىتىدا پارتلاش يۈز بەردى. پارتلاش، مونترېيال شەھىرىدىكى لافورتۇن شىركىتىنىڭ پونكىتىدا مەيدانغا كەلدى. پارتلاش نەتىجىسىدە، پونكىتقا ئوت كەتتى، ئوت يالقۇنى يېڭى پارتلاشلارغا سەۋەب بولدى. بىنا پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشتى. بەزى ئۆي ۋە شىركەتلەردىكى كىشلەر تارقاقلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل دائىرىلەر، ئۈچ ئىشچىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. پونكىتتا كۆيىدىغان گاز بىلەن تولدۇرۇلغان باكلارنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.

رايوندا بىر كىۋادرات كىلومېتىرلىق بىخەتەرلىك چەمبىرىكى ھاسىل قىلىندى.

پارتلاشنىڭ سەۋەبلىرى تەكشۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر