ئافغانىستاندىكى پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تۈنۈگۈن (2023-يىلى 11-يانۋار) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

1931920
ئافغانىستاندىكى پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈنۈگۈن ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ دائېش ئەزالىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كابۇلدا، تۈنۈگۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ئالدىدا شىددەتلىك پارتلاش يۈز بېرىپ، 20 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر