خىتاي ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
خىتاي تۈنۈگۈن (2023-يىلى 11-يانۋار) ئافغانىستاندا 20 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇمنىڭ، خىتاي ھەيئىتىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
1931708
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «خىتاي بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي قاتارلىق بارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.»
تۈنۈگۈن ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ئالدىدا پارتلاش مەيدانغا كەلگەنىدى.
تالىبان باياناتچىسى، ھۇجۇمدا 20 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
پارتلاش جەريانىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا خىتاي ھەيئىتى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.