ئامېرىكادا قاتتىق يامغۇر ۋە بوران سەۋەبىدىن 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ھەپتە ئاخىرىدا باشلانغان قاتتىق يامغۇر ۋە بوران سەۋەبىدىن 15 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1930967
ئامېرىكادا قاتتىق يامغۇر ۋە بوران سەۋەبىدىن 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، دائىرىلەر 34 مىليون كىشىنىڭ «كەلكۈن خەۋىپىدە» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئالاقىدار مەسئۇللار ئۆلۈم ۋەقەلىرىگە، ھاۋارايى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىلىرى، دەرەخلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى ۋە كەلكۈنلەرنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى  بىلدۈرۈپ، ئاپتوموبىلىنى سۇ بېسىپ كەتكەن بىر ئايالنىڭ ئەتراپتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، ئەمما 5 ياشلىق بىر بالىنىڭ كەلكۈن سۈيىدە ئېقىپ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

سان لۇيىس ئوببىسپو رايونىنىڭ باشلىقى تونىي سىپوللا غايىب بولغانلارنى ئىزدەش ئۈچۈن تىرىغچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سانتا كرۇز رايونىدا تەخمىنەن 32 مىڭ، سانتا باربارا رايونىدا  بولسا، 10 مىڭ كىشى كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش خەۋىپى سەۋەبىدىن تارقاقلاشتۇرۇلدى.

ئىشتاتنىڭ شەرقىي قىسمىدا 2 مېتىرغا يېقىن قار ياغقانلىقى، قار كۆچۈش خەۋىپى سەۋەبىدىن تاغ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئاساسلىق يوللارنىڭ قاتناشقا تاقالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

سانتا كلارا رايونىداتەخمىنەن 225 مىڭ ئۆي ۋە كارخانىنىڭ توكسىز قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۆلەتلىك مېتېرولوگىيە ئىدارىسى رايوندىكى ناچار ھاۋا رايىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر