فىلىپپىندا سۇ ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە 11 كىشى ئۆلدى

فىلىپپىندا 2 – يانۋاردىن بۇيان تالاپەت يەتكۈزۈۋاتقان قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1931318
فىلىپپىندا سۇ ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە 11 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىننىڭ بىكول، ۋىساياس ۋە مىنداناۋ رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشىمىغان جايلىرىغا تالاپەت يەتكۈزۈۋاتقان قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە 11 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 63 مىڭ 101 ئائىلە زىيانغا ئۇچرىدى، 815 ئائىلە ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى.

بەزى جايلاردا سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 3 مېتىرغا يەتكەنلىكتىن، يېزا - قىشلاقلار، يوللار ۋە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى سۇ ئاستىدا قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر