سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ياش ۋە سان چەكلىمىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان كوۋىد-19 يۇقۇمى مەزگىلىدە ھاجىلارغا قويۇلغان ياش ۋە سان چەكلىمىسىنىڭ بۇ يىل بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1930453
سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ياش ۋە سان چەكلىمىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە ئىشلىرى مىنىستىرى تەۋفىق ئەررەبىيئە جىددەدە ئۆتكۈزۈلگەن «2023 – يىللىق ھەج كۆرگەزمىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە، بۇ يىل ھاجىلارغا ھېچقانداق ياش چەكلىمىسى قويۇلمايدىغانلىقىنى ۋە ھاجىلار سانىنىڭمۇ يۇقۇمدىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بولىدىغانلىقىنىڭ «خۇش خەۋىرى»نى بەردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان،كوۋىد -19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن 2020-يىلدىن باشلاپ ھاجىلارغا ياش ۋە سان چەكلىمىسى قويغانىدى.

بۇ سەۋەبتىن، 2019-يىلى 2 مىليون 500 مىڭغا يەتكەن ھاجىلار سانى، 2020-يىلى 10 مىڭغا، 2021-يىلى 60 مىڭغا، 2022-يىلى 779 مىڭ 919 نەپىرى باشقا دۆلەتلەردىن بولۇپ جەمئىي 899 مىڭ 353 كە قىسقارتىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، 2023 – يىللىق ھەج كۆرگەزمىسى ۋە يىغىنلىرى 12-يانۋارغىچە داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر