فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشى ئۆتكۈزدى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا سېرىق جىلىتكىلىكلەر ھۆكۈمەتنىڭ پىنسىيە ئىسلاھاتى ۋە پۇل پاخاللىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

1929429
فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشى ئۆتكۈزدى

فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سېرىق جىلىتكىلىكلەر پارىژ، ستراسبۇرگ ۋە ئانگېرس شەھەرلىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ 10-يانۋاردا تەپسىلاتىنى ئېلان قىلماقچى بولغان پىنسىيە ئىسلاھاتى، ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە پۇل پاخاللىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.

نامايىشچىلار پارىژنىڭ برېتېيىل كوچىسىغا يىغىلىپ، ئىقتىساد مىنىستىرلىقى بىناسىغىچە يۈرۈش قىلغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان كۆرۈنۈشلەردە، دەسلەپتە ساقچىلارنىڭ پارىژدىكى نامايىشلاردا سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ كوللىكتىپ يۈرىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقى، ئاندىن نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن مۇداخىلە قىلغانلىقى كۆرىنىدۇ.

2018 - يىلى 17 -  نويابىردا فىرانسىيەدە باشلانغان سېرىق جىلىتكىلىكلەر ھەرىكىتى ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى ۋە ناچار ئىقتىسادىي شارائىتقا قارىتا، پىرېزىدېنت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر