«ئەرەن قامال قىلىش – قىش – 20» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

باتماندا 650 ھەربىي خادىمنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «ئەرەن قامال قىلىش كۈز - قىش 20 شېھىت ئالاھىدە ساقچى ئورھان سانجار» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.

1929298
«ئەرەن قامال قىلىش – قىش – 20» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، باتمان ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانلىقىدا باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتتىن، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ئەترەتلىرى، ساقچى ئالاھىدە ئەترەتلىرى ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان 650 ھەربىي خادىم ۋە 44 ئالاھىدە ئەترەت ئورۇن ئالماقتا.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت مىقياسىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە داۋاملىشىۋاتقان  «ئەرەن قامال قىلىش – قىش» ھەربىي ھەرىكەتلىرى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا كەسكىن داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر