سومالىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
شەرقىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن سومالىدا بومبا قاچىلانغان 2 ئاپتوموبىل ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1927705
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، سومالىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ماھاس يېزىسىدا بومبا قاچىلانغان 2 ئاپتوموبىل ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان.