پۇتىن رۇسىيەنىڭ ئىلغار قورال ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، موسكۋانىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىلغار قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1928056
پۇتىن رۇسىيەنىڭ ئىلغار قورال ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقى فىلوتىدىكى ئادمىرال گورشكوۋ» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتىنىڭ جەڭ ۋەزىپىسىنى باشلاش مۇراسىمغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلدى؛ مۇراسىمغا رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ۋە پاراخوت قوماندانى ئىگور كراخمالمۇ قاتناشتى.

قوغدىغۇچى پاراخوتنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك دېڭىز سەپىرىنى بۈگۈن باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پۇتىن: «بۇ پاراخوتقا يۇقىرى ئىقتىدارلىق سۇ ئاستى <تسىركون> تىپلىق دەرىجىدىن تاشقىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ۋە باشقا ئەڭ يېڭى ئەۋلاد قوراللار سەپلەندى» دېدى.

پۇتىن، بۇ قورال سىستېمىسىنىڭ دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دۆلەتتە يوق ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل قوراللارنىڭ رۇسىيەنى يوشۇرۇن تاشقى تەھدىتلەردىن قوغدىيالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىز ئارمىيەنىڭ جەڭ يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدىكى بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ئىلغار قورال ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇمۇ، يۇقىرى ئىقتىدارلىق سۇ ئاستى <تسىركون> تىپلىق دەرىجىدىن تاشقىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سەپلەنگەن بۇ پاراخوتنىڭ ئاقدېڭىزدا، شۇنداقلا ئاتلانتىك ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيان سەپىرىگە ئاتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شويگۇ، ئاۋازدىن تېز ئىلگىرىلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سەپلەنگەن مەزكۇر پاراخوتنىڭ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا دۈشمەنگە ئەجەللىك زەربە بېرىش، شۇنداقلا ئىلغار ھاۋا مۇداپىئە ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىلىرىنى يېڭىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر