كۇۋەيت تۇنجى سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى
كۇۋەيت تۇنجى سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر بازىدىن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
1927689
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەيتنىڭ « KUNA» ئاگېنتلىقى نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، « Kuveyt Sat-1» سۈنئىي ھەمراھى، فلورىدا ئىشتاتىدىكى كاپې كاناۋېرال ھەربىي بازىسىدىن، ئامېرىكا ئالەم كېمىسى ۋە راكېتا ئىشلەپچىقارغۇچى SpaceX نىڭ فالكون 9 راكېتاسى ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن.