گوللاندىيەدە ئىرقىي ئايرىمچى سۆزلەرگە قارىتا  قانۇنىي تەكشۈرۈش باشلىنىدىغان بولدى

گوللاندىيەدە يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدا روتتېردام شەھىرىدىكى ئېراسمۇس كۆۋرۈكىگە ئەكس ئەتتۇرۇلگەن ئىرقىي ئايرىمچى سۆزلەرگە قارىتا  تەكشۈرۈش باشلىنىدىغان بولدى.

1927787
گوللاندىيەدە ئىرقىي ئايرىمچى سۆزلەرگە قارىتا  قانۇنىي تەكشۈرۈش باشلىنىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئېراسمۇس كۆۋرۈكىگە «ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھاياتى قىممەتلىك»، «بەختلىك ئاق  تەنلىكلەرنىڭ يىلى» ، «بىزنىڭ ئىنسانلىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئاق تەنلىك پەرزەتلەرنىڭ كەلگۈسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن سۆزلەر ئەكس ئەتتۇرۇلگەن ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن گوللاندىيە تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈشنىڭ باشلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

پىكىر ئەركىنلىكىنىڭمۇ چېكى بارلىقى، كەمسىتىشنى تەشەببۇس قىلماسلىق ۋە باشقا ھېچ بىر خەلق توپىنى رەنجىتمەسلىك لازىملىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر