ئامېرىكادا سۇ ئاپىتىدە 2 كىشى قازا قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە ئىككى ئادەم قازا قىلدى.

1927137
ئامېرىكادا سۇ ئاپىتىدە 2 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ساكرامېنتودىكى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى ئەترەتلىرى، كەلكۈندە قاپسىلىپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەرنى تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن بىخەتەر جايلارغا توشۇغان.

كالىفورنىيە ۋە نېۋادا ئىشتاتلىرىدا تەخمىنەن 235 مىڭ ئۆي ۋە ئىش ئورنى توكسىز قالغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، يەر تەۋرەش تەتقىقاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ رىئو دېل يېزىسدا 5.4 بال يەر تەۋرىگەن.

رىئو دېل يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن رايوندىكى تەخمىنەن 100 ئۆي ۋەيران بولغان، يېزا ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنىڭ توكى، % 30 تىنىڭ سۈيى ئۈزۈلۈپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر